新疆伊宁县

ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ناھىيەمىزدە ئېچىلدى
2017-10-01 19:19 ئەمىرۇللا 

30-سېنتەبىر، 2017-يىللىق ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ناھىيەمىزدە ئېچىلىپ، زىرائەت شاخ-شۇمبىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئونىۋېرسال پايدىلىنىشتىكى ئىلغار تېخنىكىلار كېڭەيتىلىپ، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلىك ۋە مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەملىك شاخ-شۇمبىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شاخ-شۇمبىلاردىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رازىبەك قامزا، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مېييۈ ۋە ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئىشخانىسى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دېھقانچىلىق ئىدارىسى، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلىك ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شاخ-شۇمبىلاردىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىشتا ماشىنا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش جەھەتتىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى نەق مەيداندا كۆرەك قىلدى. ئونيار يېزىلىق ۋېنخەي باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىۋى ۋە تۆۋەنكى ئونيار كەنتىدىكى ئېتىزلارغا بېرىپ، كۆممىقوناق سىلوسى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى نەق مەيداندا كۆرەك قىلىپ، ناھىيەمىزنىڭ كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ شاخ-شۇمبىلاردىن يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شاخ-شۇمبىلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ياراتقان يېڭى خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى.

كۆرەك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 2017-يىللىق ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىش خىزمىتى توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مېييۈ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى دېھقانچىلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىشتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

رازىبەك قامزا سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئوبلاستقا بىۋاسىىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەر تۈجۈپىلەپ تەشكىللەش، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شاخ-شۇمبىلاردىن پايدىلىنىشتىكى نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى؛ تاۋارلاشقان شاخ-شۇمبىلاردىن يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؛ شاخ-شۇمبا ئارقىلىق مال بېقىش يەم-خەشەك ئوت-چۆپ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كالا-قوي باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ شاخ-شۇمبا ئارقىلىق چارۋا بېقىش يەم-خەشەكنىڭ خوراپ كېتىشىنى ئازايتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى بېسىمنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى؛ شاخ-شۇمبا بايلىقىنىڭ پايدىسى كۆرىنەرلىك بولۇپ، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

رازىبەك قامزا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى ناھىيە-شەھەر، ھەرقايسى ئورۇنلار پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تەشۋىقات يېتەكچىلىكنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى؛ پائال ئىزدىنىپ، شاخ-شۇمبىلاردىن پايدىلىنىش، ساقلاش ۋە يۆتكەش يېڭىچە ئەندىزىسىدە جۈرئەتلىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىشى؛ سىياسەت جەھەتتە يۆلەش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ شاخ-شۇمبىلاردىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىش، كالا-قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدىكى ئومومىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن پايدىلنىپ، شاخ-شۇمبىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، شاخ-شۇمبىدىن يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، تېخنىكىنى مەركەزلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شەكىل ۋە مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يىغىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، بىرتەرەپ قىلىپ پايدىلىنىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، بازار ئوبوروتىنى تاۋارلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شاخ-شۇمبىنى يەم-خەشەككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

رازىبەك قامزا ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا كۆرگەن ئونۋېرىسال پايدىلىنىش تېخنىكىسى ۋە ئۆگەنگەن ئۈلگىلىك تەجرىبىلەردىن پايدىلنىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، شارائىتقا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ئونىۋېرسال پايدىلىنىش خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو فېڭ يىغىنغا قاتناشتى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت غۇلجا ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن يىغىندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.


关闭窗口