新疆伊宁县

2017-يىللىق ئىلى ئوبلاستىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيەمىزدە قايتىما ئىنكاس يىغىنى ئاچتى.
2017-10-01 17:00  

30-سېنتەبىر، 2017-يىللىق ئىلى ئوبلاستىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيەمىزدە قايتىما ئىنكاس يىغىنى ئاچتى.

ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسىيەم ئايۇپبەگ ناھىيەمىزنىڭ 2017-يىللىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئوبلاستلىق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتىما ئىنكاسنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ جۈ سۆزىدە « غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئوبلاستلىق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتلەردىن رازى بولدۇق» دەپ كۆرسەتتى. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ نوپۇس-پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە قارىتا، جاڭ جۈ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىدىيەۋى تونۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تۈپ سىياسىتى ئۆزگەرمەسلىك، پارتىيەت ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇپ باش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتا ئۆزگەرمەسلىك ۋە بىر بېلەت ئارقىلىق ئىنكار قىلىش ئۆزگەرمەسلىكتىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، ئۇرۇشتىن بىازار بولۇش ئىدىيەسىگە قەتئىي بەرداشلىق بېرىپ، سىياسىي مەيدانىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ نەتىجە يارىتىشى؛ دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەت ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇپ باش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەنپەئەت مېخانىزمىنى يەنىمو زورايتىپ، پىلانلىق تۇغۇتتا شەرەپلىك ئائىلە تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەن ئائىلىلەرنى ئىسلاھات تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تولۇق بەھىرلەندۈرۈپ، قانۇنسىز تۇغۇتنى مەخسۇس تۈزەپ باشقۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، مەمۇرىي خىزمەتنى قەتئىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ توي قىلىش-پەرزەنتلىك بولۇش قارىشىنى پائال ئۆزگەرتىشى؛ دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇتتىكى تۈرلۈك قارا ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تونۇشى ئېنىق بولماسلىق، خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، مەۋھۇم قۇرۇق ئايلىنىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جاڭ جۈ يەنە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرش، يېزا بازارلىق شىپاخانىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، تىببىي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ شىنپىڭ ئىپادە بىلدۈرۈش سۆزى قىلىپ، مۇنداق دېدى: غۇلجا ناھىيەمىز بۇ قېتىملىق خىزمەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى بولغان پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇتتىكى بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپە نىشاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋالىمىز.

28-سېنتەبىر، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسىيەم ئايۇپبەگ، مۇئاۋىن ھاكىم خالمېھرى تەۋەككۈل قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئونيار يېزىسىغا بېرىپ، دوكلات ئاڭلاش، ئارخىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئاممىدىن ئەھۋال ئىگەللەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆپ كەنتلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

关闭窗口