新疆伊宁县

دۆلەت بايرىمىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز
2017-09-30 16:47 ئەمىرۇللا 

دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ھەممە ئائىلىلەرگە بايراق تارقىتىلدى، ھەممە ئائىلىلەردە قىزىل بايراقلار ئېسىلىپ، كوچىلاردا دۆلەت بايرىقى لەپىلدىدى...

تۆۋەن ھېدىليۈزى كەنتىدە مۇنداق قوشكېرەك ئاكا-ئۇكىلار بار، ئاكىسى ھۈسەنجان ھېتاخۇن ھەر دۆشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ھەرقانداق بوران-چاپقۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چاقلىق ھەرۋىدا ئىنىسى ھەسەنجان ھېتاخۇننى ئېتتىرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىشقا بارىدۇ، بۈگۈن ئۇ قېپقىزىل دۆلەت بايرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا، كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مېنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ۋەتەن ئانىمىزغا رەھمەت، دۆلەت بايرىقى مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە لەپىلدەپ تۇرغۇسى».

دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، قاغىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇرلۇق قىزىل بايراقنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگىچە ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بايراقلارنى ئاستى، كەنتتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنتتىكى ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ تىرىشىشى بىلەن 350 دانە ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئالدىغا ئېسىلىپ ئەھۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

يېڭىتام بازار بورچىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت پارتىيەلىك ئاممىغا، مەكتەپلەرگە دۆلەت بارىقى تەقدىم قىلىپ ۋەتەن ئانىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلىدى.

ئۇلار ۋەتەننىڭ گۈل-چېچەكلىرى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، بولۇپمۇ گۈزەل«دۆلەت ئارزۇسى»نى روياپقا چىقارغۇچىلار ۋە ئىزباسارلاردۇر.

关闭窗口