新疆伊宁县

ناھىيەمىز ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى
2017-08-11 17:50 ئەمىرۇللا  伊宁县政府网

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ناھىيەمىز ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى، نەتىجە-ئۈنۈم ئىشخانىسى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى، «يىدۇڭ» سانائەت باغچا رايونى باغچا رايون قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى، سودا-ئىقتىسادنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى باغچا رايونغا جايلاشقان كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۆتتى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ تەشكىللىشى كۈچلۈك، ئىلگىرى سۈرۈلىشى تەرتىپلىك، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېزا-بازار (مەيدان)، ھەر قايسى تارماقلار ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپچانلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە چۈشۈرگەن ۋەزىپىلەرنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىك ۋە مەسىلىلەرنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەك.

يولداش ياڭ شىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، 1-تۈركۈم ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە تەخرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونوپ يېتىش؛ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ قىيىن ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق مۆلچەرلەش؛ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ۋە سىجىللىقىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ناھىيەلىك تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ئالاقىلىشىش خىزمەت تۈزۈمى بويىچە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ يېزا-بازار (مەيدان)، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار 1-مەسئۇللىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇشى؛ ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ 1-سېكرېتارلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، كەنت ئىككى كومىتېتى «قايتا قاراش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ خىزمەتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ھاكىم نامزاتى ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپسىنىڭ سېكرېتارى، رەئىسى پېردون مەمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان-ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، يېزا-بازار (مەيدان) لارنىڭ رەھبەرلىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىن ئەھۋالىنى كۆردى.

关闭窗口